شەرقىي تۈركىستاندا سىياسىي ئۆگىنىش، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىي داۋاملىق ئىجرا قىلىنماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىگە كوممۇنىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش سىياسىي ئۆگىنىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى كۆپلەپ قوللانماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك دېمەستىن، يېرىم كېچىدىمۇ سىياسىي ئۆگىنىش نامىدا يىغىۋېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇندىن باشقا كۆپلىگەن سىنلاردا ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ خىتايچە كىيىملەرنى كىيگەن ھالدا قىزىل ناخشا ئېيتىشقا، خىتايچە ئۇسسۇل ئويناشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قىزىل ناخشا ئېيتقۇزۇش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا قوللانغان ئاساسلىق مېڭە يۇيۇش ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بارلىق ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلەرنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا.

بۇ خەۋەر 1124 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق