خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچى مەسلىھەتچىسى ۋاكسىنا ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يازغۇچى مۇستافا بالباي 10-ماي خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچى مەسلىھەتچىسى چېڭ ۋېيخۇا بىلەن تور ئارقىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ تۈركىيەگە تەمىنلىنىشىنىڭ توختاپ قىلىش سەۋەبى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە توختالغان.
چېڭ ۋېيخۇا ۋاكسىنا ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ۋاكسىنىنى 40 دۆلەتكە ساتىمىز. تۈركىيە ھازىرغىچە ئېرىشكەن 26 مىليون ۋاكسىنا بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاپرېلدىن باشلاپ، خىتايدا 300 مىليون كۆلەمدىكى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى باشلاندى. بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيەگە ئەۋەتىشمۇ توختىدى. بۇنىڭ ھېچقانداق سىياسىي ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سەۋەبى يوق. كەلگۈسى ئون كۈندە ۋاكسىنا يەنە تۈركىيەگە ئەۋەتىلىشى مۇمكىن ۋە تۇنجى ئەۋەتىلگەن ۋاكسىنا بىر مىليوندىن ئارتۇق بولىدۇ» دېگەن.
چېڭ ۋېيخۇا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، زور كۆلەمدە تۇتقۇن ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باشقا سىياسەتلەر ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى، خىتايدا بىر پەرزەنت سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى، تىل-يېزىق جەھەتتىنمۇ ھېچقانداق چەكلىمىگە يوقلۇقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بىلجىرلىغان.
ئۇ يەنە يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ ۋىرۇسنى بىيولوگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇش پىلانى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، بۇ مەسىلىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ پىلانى، دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ خەۋەر 850 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق