خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا توقۇمىچىلىق كىرىمىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئالدىنى كۈنلەردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلات كىرىمىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېمبارگوسى سەۋەبلىك زور مىقداردا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى 30-ئاپرېل ئاچقان 8-قېتىملىق ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى»دا غەرب ئەللىرى ۋە قىسمەن كارخانىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكتىن، پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ خەلقئارانىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ زور مىقداردا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر ئاخبارات ئېلان يىغىنى غەرب ئەللىرى مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك خىتايغا قارشى يولغا قويغان جازالاش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاتالمىش شىنجاڭ پاختىچىلىق ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېڭ چاڭمېڭ خەلقئارا پاختا توقۇمىچىلىق شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كونا تاكتىكىسى بويىچە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان.

 

بۇ خەۋەر 977 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق