تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 14 مىڭغا چۈشتى (11-ماي)

11-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 14497 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 226 مىڭ 452 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 14497 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1582 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 278 كىشى قازا قىلىپ، 22253 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 766 مىڭغا، قازا قىلغانلار 43589 غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2975 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 590 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق