ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ئىشلەتكەن

يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئالما شىركىتىنىڭمۇ بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئالما شىركىتى بۇ ئەھۋالنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېڭى ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ۋە دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ يەتتە تەمىنلىگۈچىسىنىڭ ئىزچىل مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئالما شىركىتى ئىلگىرى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچىلىرى بۇنىڭدىن پەرقلىق يول تۇتقان. بۇ تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان بولۇپ ئىزچىل مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان كىشىلەرنى ئىشلەتكەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ خۇەيئەندىكى ئالما ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن توك يولى تاختىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان پېڭدىڭ (Avary Holding) پاي كونترول شىركىتى 2019-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلاردىن 400 نى كۆپەيتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما شىركىتى ئۈچۈن ئانتېننا ۋە توك يولى ياساپ بېرىدىغان شېنجېن دېرۈن ئېلېكتىرون شىركىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن مىڭ ئىشچى قوبۇل قىلغان. يەنە بىر مال تەمىنلىگۈچى شىركەت كاڭشۇ پەن-تېخنىكا شىركىتى (AcBel Polytech) نىڭ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2019-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئىشچىلارنى قايسى تەرىقىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ھەققىدىكى بىر ۋىدىيومۇ تارقالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئايفوننى ئېكران ئەينىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان لەنسى تېخنىكا شىركىتىمۇ 2018-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىن 600 ئىشچى قوبۇل قىلغان.
گەرچە ئالما شىركىتى مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى رەسمىي ھۆججەتلەر ئارقىلىق دەلىللەنگەن. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامازون، گۇگۇل، مىكروسوفت، فېيسبۇك ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ بۇ تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 708 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق