قاغىلىقتىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياش مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىندى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپتىن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە جازا لاگېرى سىرتىدا قالغان ياشلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كەلمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى چوڭ بېكەتتە بىر تۇتاش ئىش فورمىسى كىيگەن ۋە يولغا چىقىشنى ساقلاپ تۇرغان بىرە يۈزدىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باشقا شەھەرگە بىر تۇتاش مېڭىش ئالدىدا تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارشى، بۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئەمەس، بەلكى خەلقنى بېيىتىش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ خىل سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدە بىلجىرلاپ، جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما بۇ ھەقتىكى سىنلار بۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى روشەن ھالدا ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1155 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق