CNN: ئۇيغۇرلار ئۆز ئۆيلىرىدە تۇتقۇنغا ئوخشاش ياشىماقتا

ئامېرىكا CNN قانىلى 9-ماي ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى پاش قىلىنغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇخبىرلار ئالاقىدار كىشىلەرنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە خىتاي خىزمەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى نازارەت قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ھەر ئايدا خىتاي دائىرىلىرى ئەۋەتكەن تۆت كادىرىنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالىنىڭ 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىگەن.
خەۋەردە خىتاي كادىرلارنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە ئورۇنلىشىپ، ئائىلە ئەزالىرىدىن ھەر خىل سوئاللارنى سوراپ خاتىرە قالدۇرىدىغانلىقى، ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بالىلىرىغا مۇسۇلمان كىملىكىنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى «ئۆيدە قۇرئان يوق، جايناماز يوق» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۆگىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نازارەتكە ئەۋەتىلگەن خىتايلارنى يېتەكچى قوللانما بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىدىن سەزگۈر سوئاللارنى سورىغاندا جىددىيلەشكەن، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئۆيىدە دىنىي بۇيۇملارنى ساقلىغان كىشىلەرنى مەسىلە بار كىشى دەپ قاراش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. بولۇپمۇ بالىلار يالغان سۆزلەشنى بىلمەيدۇ، دەپ قاراپ، كۆپلىگەن سوئاللارنى بالىلاردىن سوراش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، بىر مىليون 100 مىڭ (خىتاي) كادىرنىڭ بىر مىليون 600 مىڭ ئامما بىلەن «تۇغقانلاشتۇرۇلغان»لىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق