خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قاتتىق ئۇرغان كۆرۈنۈشى دىققەت قوزغىدى

ئالدىنقى كۈنلەردە تارقالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇۋاتقان سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
سىندا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزىگە توختىماي شاپىلاق بىلەن ئۇرغان بولۇپ، بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئون نەچچە قېتىم شاپىلاقلىغان ۋە تىللاپ ھاقارەتلىگەن.
سىنىپتىكى تامغا ئاتالمىش «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش» دېگەن شوئار يېزىلغان، دەرسخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا خىتاي بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، سىنىپتىكى زوراۋانلىق بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن.

بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خورلاپ، ھاقارەتلىشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشى ئەمەس بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىمۇ پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قاتتىق ئۇرغان كۆرۈنۈشى ئاشكارىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە بۇنى يوشۇرالمىغان خىتاي بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا ئاتالمىش «ياردەم» نامىدا زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن يۆتكەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى، ساپاسى ئىزچىل گۇمان قوزغاپ كەلمەكتە.
يېقىنقى مەزگىللەردە تارقالغان سىنلاردا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، ئەگەر خىلاپلىق قىلسا جازالىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 1086 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق