دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىغا تەيۋەن يەنە تەكلىپ قىلىنمىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرگە تەكلىپنامە ئەۋەتىدىغان ئاخىرقى مۇددەتمۇ توشقان بولۇپ، تەيۋەن يەنىلا تەكلىپ قىلىنمىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي يىغىنىغا تەكلىپ ئەۋەتىش تۈنۈگۈن كەچتە ئاخىرلاشقان بولۇپ، تەيۋەن بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا تەكلىپ قىلىنمىغان. بۇ 2017-يىلىدىن بۇيان تەيۋەننىڭ ئۇدا بەشىنچى قېتىم تەكلىپسىز قېلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
تەيۋەن مېدىتسىنا بىرلەشمىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لىن شىجيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەيۋەننىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارى»غا ئاساسەن، يەنى «بىر خىتاي پىرىنسىپى»غا ئاساسەن رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل تەيۋەننىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقىنى ئەزا دۆلەتلەر ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىن شىجيانىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىجابىي بولغان بولۇپ، ھېچبولمىغاندا تەيۋەننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن.
تەيۋەننىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىپادىسى خەلقئارادا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ كەلگەن بولۇپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىمۇ تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ئالدىنقى ھەپتە نۆلگە قارشى 304 ئاۋاز بىلەن تۇنجى قېتىم قارشىلىقسىز ھالدا تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىشى ھەققىدىكى قارارنى ماقۇللىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروسنى تەيۋەننى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىغا كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتناشتۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي يىغىنى 24-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 589 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2021 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق