تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 13 مىڭغا چۈشتى (10-ماي)

10-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 13604 كە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 214 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 13604 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 1734 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 282 كىشى قازا قىلىپ، 26953 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 743 مىڭغا، قازا قىلغانلار 43311 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 2983 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 645 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2021 18:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق