خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ۋىرۇسىنى بىيولوگىيەلىك قورالغا ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ھۆججىتى ئاشكارىلاندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرى نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سارس تاجىسىمان ۋىرۇسىنى بىيولوگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر كونا ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي بۇنى ئىنكار قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان مەزكۇر ھۆججەتتە خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سارس تاجىسىمان ۋىرۇسىنى بىيولوگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىيولوگىيەلىك قورال ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكى، يەنە كېلىپ ئاساسلىق قورالغا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكى قاتارلىق پەرەزلەر تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەن 18 ئاپتورنىڭ بەزىلىرى خىتاينىڭ ئاممىۋى سەھىيە ۋە ھەربىي ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئونىنىڭ شىئەن ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك ئالىملار ۋە قورال مۇتەخەسسىسلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات سەۋىيەسى «ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە خەتەرلىك» دېگەن تۈرگە كىرىدىكەن.
خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتى بۇ ھەقتە رەددىيە ماقالىسى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ پەقەت نەزەرىيەۋىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر ئىلمىي ئەسەر ئىكەنلىكىنى، خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى ۋىرۇسنى بىيولوگىيەلىك قورالغا ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى پىكىرىنى نۆۋەتتىكى خىتاي ۋىرۇسىغا باغلاپ ئىزاھلاشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەر شارى ۋاقىت گېزىتى يەنە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خىتاي تەھلىلچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى تەتقىقات ئورنى ئەمەس، مەزكۇر كىتابتىكى مەزمۇنلار ئېشىپ كەتسە بىر ئىلمىي نۇقتىئىنەزەر» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھۆججەت 2015-يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارلىرى بۇلتۇر 5-مايدا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ ھۆججەتكە ئېرىشكەن. مەزكۇر ھۆججەتتە سارس ۋىرۇسى «يېڭى گېن قورالى دەۋرىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ سۈپەتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 865 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2021 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق