خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، كۈنسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
تارقالغان سىنلارنىڭ بىرىدە كورلا شەھىرىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن تەركىب تاپقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ، يىغىلىپ ئولتۇرغانلىقى، يەنە بىر چەتتە خىتاي ساقچىلار ۋە كادىرلارنىڭ مەلۇم ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يەنە بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى كوچىنى لىق قاپلىغان ساقچىلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىنغا ئالغان خىتاي: «شىنجاڭنى بىخەتەر ئەمەس دەيدۇ، بۇنچە كۆپ ئالاھىدە ساقچىلارنى كۆردۈڭلارمۇ؟ قانداقسىگە بىخەتەر بولمايدۇ؟» دېگەن.

باشقا بىر نەچچە سىندا ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىزلاردا ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقى، بىر كىچىك بالىنىڭمۇ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنسىز ياش تۆكۈش ئارقىلىق، بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان سىنلارمۇ داۋاملىق تارقالماقتا.
خىتاي رېجىمى خەلقئارانىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارشى، ئۇيغۇرلار بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، دەپ جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 1206 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2021 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق