خىتاي كابۇلدىكى قىزلار مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبلىك ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كابۇلدىكى قىزلار مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ سەۋەبىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە باغلاپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن.
8-ماي ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ غەربىدىكى دەشتى بارچى مەھەللىسىدىكى بىر قىزلار مەكتىپى ئەتراپىدا كۆپلىگەن بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، قازا قىلغانلار ئاز دېگەندە 63 كە يەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپتىن قايتىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات ۋەقەگە مەسئۇل بولمىغان، ئەمما ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى تالىبانلارنىڭ بۇ ھۇجۇمنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تەرەپمۇ ئافغانىستاندا يېڭىدىن كۈچەيگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاساسلىق تالىباننىڭ باش سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنى دۈشمەنلىشىشنى ئازايتىشقا ۋە توختاپ قالغان تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ يەكشەنبە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «يېقىندا ئامېرىكا تۇيۇقسىز ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىنىدۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ سەۋەبلىك ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش يۈز بەردى» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرالىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تەسىرى بولىدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش پاكىستانغا كېڭىيىپ كېتىپ قالسا، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2021 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق