مۇستافا ئانلاش: «خىيالىمدىكى خىتاي» رەسىم مۇسابىقىسى بىكار قىلىنىشى كېرەك

تۈركىيەدىكى ئاڭلىق ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قەيسەرى شۆبىسى رەئىسى مۇستافا ئانلاش تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان «خىيالىمدىكى خىتاي» رەسىم مۇسابىقىسىگە ئىنكاس قايتۇرغان.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «خىيالىمدىكى خىتاي» تېمىسىدىكى رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «مائارىپ مىنىستىرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق نېمىلەرنى سىزىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى نامايىشتا ئۆلتۈرۈلگەن مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىشىنى خالامدۇ ياكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرخىل قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىكلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىشنىمۇ؟» دەپ سوئال تاشلىغان ۋە بۇ مۇسابىقىنىڭ يا بىكار قىلىنىشى، ياكى باش تېمىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى 6-مايدىن تارتىپ بىر ئايلىق مۇددەت بىلەن «خىيالىمدىكى خىتاي» تېمىسىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ۋە ئالدىنقى كۈنلەردە تىۋىتتېردا بۇنىڭغا قارشى ھەشتەگ پائالىيىتى تەشكىللەنگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 914 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2021 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق