ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاي ئاساسلىق نىشان قىلىندى

9-ماي ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا «ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە ھۆرمەت ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە توكيونىڭ شىبۇيا رايونىغا جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىناسى ئالدىدا مەزكۇر بىرلەشمە نامايىشنى تەشكىللىگەن بولۇپ، خىتاي ئاساسلىق نىشان قىلىنغان.
نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان بېرما، كامبودژا ۋە موڭغۇلىيەنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، «تېررورچى خىتاي»، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «جەنۇبى موڭغۇلىيەگە ياردەم قىلايلى» دەپ شوئار توۋلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىگە ۋە خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 881 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2021 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق