ئامېرىكىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا «تىبەت خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن بايانلار چىقىرىۋېتىلگەن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بايانلارنى ئۆچۈرگەنلىكىنى ماختىغان.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) 5-مايدىكى بىر باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى پاترىك لېيھى (Patrick Leahy) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىكېنغا مەكتۇپ يېزىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتتا «تىبەت خىتاينىڭ بىر قىسىمى» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا تىبەت ھەققىدە توختالغاندا: «تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە سىچۈەن، چىڭخەي، يۈننەن ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىكى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە تىبەت ئاپتونوم ناھىيەلىرى خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلاپ كەلگەن. ئەمما يېقىندا ئېلان قىلىنغان يىللىق دوكلاتتا بۇ جۈملە چىقىرىۋېتىلگەن.
بىلىنكېنغا ئەۋەتىلگەن مەكتۇپتا: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ياكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە بولغان بايانلىرىنى تەنقىدىي قاراشسىزلا قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي تارىخنى بۇرمىلايدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ سىياسىي نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تارىخنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ يازىدۇ» دېگەنلەر بىلدۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئىنسانىي ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 711 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2021 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق