خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى ئامېرىكا بازىرىدىن رەسمىي چېكىندۈرۈلمەكچى

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىدە بىلدۈرۈشىچە، نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرى خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ بازاردىن چېكىندۈرۈلىدىغانلىقىنى رەسمىي بېكىتكەن.
بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، خىتاي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە خىتاي تېلېگراف شىركىتى ئالدىنقى جۈمە بۇ ھەقتە ئايرىم-ئايرىم ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، مەزكۇر قارار نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرى ئامېرىكا ئاكسىيە كومىتېتىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇپ، ئون كۈندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بۇندىن بۇرۇن نىيۇيورك ئاكسىيە بازىرىدىن بۇ مەسىلىگە قايتا قارارىنى قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق بۇ ھەقتىكى ئەرز-شىكايەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
بۇلتۇر نويابىردا ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي، ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى قوللىغان خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 701 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2021 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق