تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 15 مىڭغا چۈشتى (9-ماي)

9-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 15191 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 197 مىڭ 468 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 15191 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2012 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 283 كىشى قازا قىلىپ، 25694 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 716 مىڭغا، قازا قىلغانلار 43029 غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3081 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 665 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2021 12:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق