ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئەقسا مەسچىتىدە ناماز ئوقۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئەقسا مەسچىتىدە ناماز ئوقۇۋاتقان پەلەستىن خەلقىگە قىلغان ھۇجۇمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 7-ماي ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ، ئەقسا مەسچىتىنىڭ ئەتراپىنى قورشىۋالغان ۋە مەسچىت ئىچىدىكىلەرنى چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. ئەينى ۋاقىتتا مەسچىتتە 3000غا يېقىن پەلەستىنلىك ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مەسچىتنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋالغان. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بولسا مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىنى ئىگىلەپ، تىترەتكۈچ بومبا ۋە رېزىنكە ئوقلار بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە 200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلانغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېد پىرايس بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغان. ئۇندىن باشقا تۈركىيە، لىۋىيە، ئىيوردانىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ مەسچىتتە، يەنە كېلىپ رامىزان ئېيىدا سادىر قىلغان بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 3454 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2021 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق