كېلەر ھەپتە ب د ت دا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە نۆۋەتچى رەئىس بولۇشىغا قارىماي، كېلەر ھەپتە ب د ت دا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ئايلىق رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر كېلەر ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مۇھاكىمە يىغىن ئېچىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىشى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تور مۇھاكىمە يىغىنى 12-ماي ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىندا ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ باش ئەلچىلىرى سۆز قىلغاندىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى كېنىس روس Kenneth Roth، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەگنىس كالىمارد (Agnes Callamard) مۇ سۆز قىلىدىكەن.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى مەزكۇر يىغىنغا قاتناشماسلىققا چاقىرغان. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي مەقسەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئەسلى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەش ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتايغا قارشى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 620 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2021 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق