6-ماي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر» تېمىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلغان. تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا ئون ئاي قامىلىپ چىققان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرىدا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر كۈنلىرى ۋە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلىغان.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پىروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد (James Millward) قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.
تۇرسۇنئاي خانىم گۇۋاھلىق سۆزىدە جازا لاگېرىدىكى مۇھىتنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، ھاجەتخانىسىنىڭ كامېر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، قامالغانلارنىڭ كامېرالار ئارقىلىق كۆزىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى جازا لاگېرىغا قامالغانلارنى ئىدېئولوگىيەلىك كېسىلى بار، دەپ كەمسىتىدىكەن، خىتاينىڭ مۇئامىلىسىگە قارشى سوئال قويغانلارنى ئۇرىدىكەن، يېتەرلىك تاماق بەرمەي، ئاچ قويۇپ قىينايدىكەن، نامەلۇم دورىلارنى مەجبۇرىي يېگۈزىدىكەن، تۇتقۇنلار يەنە خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇشقا، ئۆزىنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.
تۇرسۇنئاي خانىم جازا لاگېرىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ئېغىر جاراھەتلەرنى قالدۇرغانلىقىنى، خىتاي گۇندىپايلارنىڭ ئاياللارنى ئاياغ-ئاستى قىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن قىز-ئاياللارنىڭ ئەقلىدىن ئادىشىپ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەقىقىي نىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرىپ تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى، ئۇ 2018-يىلى 12-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا «لاگېردىكى ئىشلارنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىساڭ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە قالىسەن» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۇرسۇنئاي خانىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ تەھدىت ۋە بوھتانلىرىنىڭ ئۇنى قورقۇتالمايدىغانلىقىنى، بۇ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.