تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلار قانچىلىك؟

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا ۋابا بولۇپ تارقىلىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەدىمۇ شىددەت بىلەن تارقىلىشى ئارقىسىدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئۈچ مىڭغا يەتكەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايونلاردىكى دوختۇرخانىلار ۋە ئالاقىدار شەخسلەردىن ئىگىلىشىچە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 3000 مىڭغا يېقىنلاشقان. تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى ۋىرۇس سەۋەبلىك قازا قىلغانلار ھازىرغا قەدەر 25 تىن ئاشقان.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىستانبۇل باشاق شەھەر، زەيتىنبۇرنۇ ۋە كۈچۈكچەكمەجىدىكى سەفاكۆي قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر رايونلاردا ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋىرۇسنىڭ تېز تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى چەكلەش تەدبىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى بولۇپ، ۋىرۇس كۆپلەپ تارقىلىۋاتقان مەزگىللەردىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزئارا بېرىش-كېلىشنى، ھەتتا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ۋە مېھماندارچىلىقلارنى داۋاملاشتۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ، باشقىلار بىلەن ئارىلىق ساقلاش، ماسكا تاقاش، تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى، ئادەتلىنىپ كەلگەن ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 659 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2021 10:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق