بېلگىيە پارلامېنتىدا ئېچىلماقچى بولغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

5-ماي بېلگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئېچىلماقچى بولغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ بېلگىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قىلغان تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك بىر نەچچە ھەپتە كەينىگە سۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بېرى تەييارلىق قىلغان بولۇپ، گۇۋاھلىق بېرىشكە گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىن ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن، بېلگىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرى ئۇيغۇر مەسئۇللىرىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى سامۇئېل ئەپەندى بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغان. فىرانسىيە ئاخت تېلېۋىزىيەسى بېلگىيە پارلامېنتىدا قەلبىنۇر خانىمنى زىيارەت قىلغان.

بۇ خەۋەر 862 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2021 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق