«كۆك تۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» ناملىق كىتاب تۈركچە نەشر قىلىندى

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىم تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «كۆك تۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» ناملىق ئاكادېمىك ئەسەر تۈركىيەدە يېڭى ئەسىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

686 بەتلىك مەزكۇر ئەسەر ياپونىيەلىك تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ھىگاشى ئىۋائونىڭ 85 يېشىدا تاماملىغان تۈرك تىلى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا تاماملىغان بۈيۈك ئەسىرى «ئاتلىق مىللەتلەر ئېلىپ كەلگەن ياپون تىلى» ئاساسىدا نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، ئەسەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياپون تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك جەھەتتىكى ئوخشاشلىقلىرى ھەققىدىكى دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ياپونىيەلىك تۈركولوگ مەزكۇر تەتقىقاتىنى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تاماملىغان.

 دوكتور قۇتلۇق قادىرى بۇ كىتابنى ئۆمرىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ۋە بۇ يولدا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلغان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغ دۆلەت ئەربابى باشبۇغ ئالپ ئارسلان تۈركەشكە ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەپسانىۋى رەھبەرلىرى بولغان ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120-يىلىغا بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى يازغۇچى-ئاكادېمىكلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

مەزكۇر كىتابتا ئاساسلىقى كۆك تۈركلەر دەۋردىكى تىلدىن تارتىپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياپون تىلىنىڭ يىلتىزىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى قىممەتلىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كىتاب ئۈچۈن ئالاھىدە تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەنلەر ئارىسىدا تۈرك يازغۇچىلار بىرلەشمىسى، ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىقلارمۇ بولۇپ، تۈركولوگ ھىگاشى ئىۋائونىڭ قىزى ئاكىكو ئوداكامۇ تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2021 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق