خىتاي ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى مۇددەتسىز توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ (ABC) خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 6-ماي خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاۋسترالىيە بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنى مۇددەتسىز توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا: «يېقىندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پىسخىكىسى ۋە ئىدېئولوگىيەسى بىلەن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ نورمال مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى بۇزدى» دېيىلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تەرەپ باياناتىدا ئاۋسترالىيەنىڭ قايسى كونكرېت تەدبىرلىرىنىڭ خىتاينى بۇ قارارنى چىقىرىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى چارشەنبە كۈنىدىكى 0.7747 دوللاردىن 0.7701 دوللارغا چۈشۈپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى ئاۋسترالىيە تۇنجى بولۇپ خىتاي شىركىتى خۇاۋېينىڭ G5 تورىغا قاتنىشىشىنى ئاشكارا چەكلىگەن. شۇ سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە جىددىيچىلىك پەيدا بولغان. بۇلتۇر ئاۋسترالىيە ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، خىتاي ئاۋسترالىيەدىن سودا ساھەسىدە ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان.

ئاۋسترالىيە سودا مىنىستىرى دان تېھان Dan Tehanخىتاينىڭ بۇ قارارى ھەققىدە  توختىلىپ: «خىتاينىڭ قارارى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. چۈنكى ئىقتىسادىي سۆھبەت خىتاي-ئاۋسترالىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم مۇنبەر. بىز يەنىلا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر بويىچە سۆھبەتلىشىشنى خالايمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 311 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2021 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق