خىتاي G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 6-ماي ئېلان قىلغان باياناتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، دەپ ئەيىبلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا ۋە ياپونىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى لوندوندا ئېچىلغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم خىتاينى خەلقئارا قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشقا يۈزتۇرانە چاقىرغان ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە نىشانلىق ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي چەكلىمە ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىر باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 6-ماي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا مۇناسىۋەت قائىدىسىنى قەستەن بۇزۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلگەن مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ. تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قاتنىشىشى چوقۇم بىر خىتاي پىرىنسىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك، بۇ مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى» دەپ بىلجىرلىغان.

ئانالىزچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مىنىستىرلىرىنى ئەيىبلىشى خىتاي بىلەن غەرب ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى چارشەنبە لوندوندا بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلغان. خىتابنامىدە خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران قاتتىق تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، خىتاي خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تۈپ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلغان.

بۇ خەۋەر 486 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2021 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق