تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 22 مىڭغا چۈشتى (6-ماي)

6-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 22388 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 253 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 22388 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2401 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 304 كىشى قازا قىلىپ، 37298 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 626 مىڭغا، قازا قىلغانلار 42187 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3378 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 553 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2021 10:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق