شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشقا چاقىرىلدى

شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيەسى 4-قانىلىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېتسىيەدىكى نوپۇزلۇق قانۇنشۇناس پارۇل شارما شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قانۇنشۇناس پارۇل شارما شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيەسى 4-قانىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان. ئۇندىن باشقا يەنە، شىۋېتسىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرگىمۇ بۇ توغرۇلۇق تەكلىپلەرنى سۇنغان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ كەلگەن بولۇپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىلمىشىلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشىنى تەلەپ قىلغان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدىكى نامايىشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىپ كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. شۇنداقلا پارلامېنتتىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 676 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق