تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 26 مىڭغا چۈشتى (5-ماي)

5-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 26476 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 229 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 26476 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2414 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 356 كىشى قازا قىلىپ، 35464 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 589 مىڭغا، قازا قىلغانلار 41883 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3418 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 535 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2021 00:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق