ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دومبروۋىسكىس ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ماقۇللۇش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دومبروۋىسكىس (Valdis Dombrovskis) سەيشەنبە بىلدۈرگەن سۆزىدە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇھىت 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھاسىل قىلىنغان ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىشىغا پايدىسىز، شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تۈزۈش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلدى» دېگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق سەۋەبلىك خىتايغا جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخس ۋە ئورگانلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەب بولغان.

كۆپ يىللىق قاتمال ۋەزىيەتتىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي بىلەن «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن. خىتايمۇ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، شۇنداقلا ئاكادېمىكلار ۋە گېرمانىيە ئەقىل ئامبىرىدىكى تەتقىقاتچىلارغا جازا يۈرگۈزگەن.

دومبروۋىسكىس يەنە: «كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشى ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق» دەپ تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى يەنە ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

بۇ خەۋەر 421 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2021 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق