يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشمە خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللاشنىڭ سەۋەبى كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ھوقۇقى بولۇپلا قالماي، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەجرىبىسىنى خەلقئارا بىلەن ئورتاقلىشىپ، دۇنياغا تۆھپە قوشالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

گەرچە تەيۋەن كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رەت قىلىشى سەۋەبلىك قاتنىشالماي كەلگەن. بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە بايانات خىتاينىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ قېتىملىق يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە مەزمۇنى خىتايغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتايدىكى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئىقتىسادىي كۈچنى ۋاسىتە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 457 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2021 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق