دوكلات: ئىرقىي قىرغىنچىلىق «ئائىلىدىن ئايرىش»تىن باشلاندى

تۈركىيە ئىستىقلال تورىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە بالىلار ۋەقفى يېقىندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئائىلىدىن ئايرىشتىن باشلاندى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا خىتاي ئىنكار  قىلغان جازا لاگېرلاردا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرى، خىتاينىڭ چوڭلارنى لاگېرىغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارنى ئائىلىدىن ئايرىپ خىتاي كومپارتىيەسى تەسىس قىلغان ياتاقلاردا تۇتۇپ تۇرغانلىقى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلاشنى مۇھىم سىياسەت سۈپىتىدە قوللانغانلىقى قاتارلىق جىنايەتلەر پاش قىلىنغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بايانلار ئورۇن ئالغان:

خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىشقا ئۇرۇنۇش سىياسىتىنى 2016-يىلى قاراتمىلىق ھالدا باشلانغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرىگە كىرگەن. لاگېر كامېرلىرىدا ھەر خىل قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى ئۈچ مىليوندىن ئاشقان. خىتاي «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق» سىياسىتىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىپ، پىلانلىق ھالدا باستۇرۇشنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان. لاگېرغا سولانغان قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئائىت ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بالىلارغا ئائىت ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغان. بالىلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلىشقا يول قويماي، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ كوممۇنىستىك ئىدىيەسىدە تەربىيەلىنىشكە مەجبۇرلىغان.

بۇنىڭدىن باشقا بالىلار ياتقان ياتاقلارنى خىتاي خەرىتىسى، كوممۇنىزم تەشۋىقاتى بىلەن توشقۇزۇۋەتكەن. تاملارغا يېزىلغان «مەن جۇڭگولۇق، مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن» دېگەن تەشۋىقاتلارنى يادلاشقا مەجبۇرلىغان. خىتاي يەنە كىچىك بالىلارنى ھەربىي مەشىققە سېلىپ ئەسكەرلىككە تەييارلىغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان.

دوكلاتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ (UNICEF) بۇ ئېغىر مەسىلىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، ھېچقانداق ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكى تىلغان ئېلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئاخىرىدا خىتاينى بالىلار ۋە چوڭلارغا قاراتقان كەمسىتىش قىلمىشىلىرىنى توختىتىشقا، ئىنسانىي ئىززەت-ئابرۇيىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 611 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2021 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق