ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇھىم ساھەلەردە خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشكە باشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلماقچى بولغان سانائەت ھەرىكەت پىلانىدا خام ماتېرىيال، دورا خام ئەشياسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، باتارېيە، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ۋە بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ئالتە ئىستراتېگىيەلىك ساھەدە خىتاي ۋە باشقا چەت ئەل تەمىنلىگۈچىلىرىگە تايىنىشنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنغان.

19 بەتلىك لايىھەدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپانىڭ 137 تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك سەزگۈر مەھسۇلات تۈرىنىڭ يېرىمى خىتايغا تايىنىپ قالغان. خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىمۇ ياۋروپا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى تېخىمۇ ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر لايىھەدە بۇ ئالتە ساھەگە قارىتا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىش تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئامال بار ئوخشىمىغان سودا شېرىكلىرىگە تايىنىش بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنىڭ كۆپ خىللىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى، زۆرۈر تېپىلغاندا زاپاس ساقلاش بىلەن مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

لايىھەدە ئىمپورتقا تايىنىشنى ئازايتىشنىڭ يەنە بىر ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، تۆۋەن كاربون سانائىتى، دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ياۋروپانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرگە قارىتا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى جىددىي يوسۇندا يىرىكلەشكەن. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان دىققىتىنى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى جازا ئېلان قىلغان. خىتايمۇ بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىپ، ياۋروپا دىپلوماتلىرى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئەقىل ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە قارىتا جازا ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ھاسىل قىلغان ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىممۇ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى يېقىندا يەنە ئاشكارا ھالدا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بەدىلىگە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

بۇ خەۋەر 423 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2021 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق