تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 30 مىڭغا يېقىنلاشتى (4-ماي)

4-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 28997 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 242 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 28997 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2483 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 336 كىشى قازا قىلىپ، 38218 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 554 مىڭغا، قازا قىلغانلار 41527 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3452 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 501 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2021 10:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق