تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 25 مىڭدىن تۆۋەنلىدى (3-ماي)

3-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 24733 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 244 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 24733 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2501 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 347 كىشى قازا قىلىپ، 35438 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 515 مىڭغا، قازا قىلغانلار 41191 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3438 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 533 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2021 11:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق