مالايشىيادىكى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قوزغاش مەقسىتىدە ئۇيغۇر نېنى تارقاتقان

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتىش مەقسىتىدە، بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ئۇيغۇر نانلىرىنى تارقىتىپ بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مالايشىيا تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» (M4U) ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر نېنى پىشۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسىتىدە، 300 ئۇيغۇر نېنىنى پايتەخت كۇئالالامپۇرنىڭ مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئىپتارلىقىغا تارقىتىپ بەرگەن.

«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى زۇھرى يۈھىي ئانادولۇ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «نان ۋاقتى» ناملىق پائالىيەتنى باشلاشتىكى مەقسىتىنىڭ مالايشىيا خەلقىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، يېمەكلىكنىڭ بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، مالايشىيامۇ مەشھۇر تائاملىرى بىلەن تونۇلغانلىقىنى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تاللىغانلىقىنى، رامىزاندا خىزمەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر نېنىنى تېتىپ، خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پائالىيەتكە قاتناشقان مالايشىيا خىرىستىيانلار جەمئىيىتى (ANCOM) نىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى جەيسون لېيوڭ بۇ ھەقتە: «نان ۋاقتى پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قارىتىش ۋە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنى ۋەيران قىلىش مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن ئىجادىي پائالىيەت بولدى» دېگەن.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنىڭ پەقەت دىنىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، بىز بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 607 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2021 11:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق