يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى لوندوندا باشلاندى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 2-ماي لوندونغا يېتىپ كېلىپ، G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. يېغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ خىرىسلىرى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسى بولدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىلىنكېن ئۇچرىشىشتا ياپونىيە، كورېيە، برۇنېي، ھىندىستان ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شۇنداقلا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رائابنىڭ بىلنكېن بىلەن كۆرۈشۈش تېمىلىرىنىڭ بىرى خىتاي ئىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇندىمىغانلىقىغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنى تۆلەم تۆلەشكە قىستىماقچى بولغان.
باياناتتا، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھىندى تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ۋەدىسىنى ئىش ئاشۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى ئالدىنقى ئايدا ئايال پادىشاھ ئېلزابېت ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش قىسىمى تۇنجى يەرشارى خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ماي ئېيىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش قىسمىنىڭ ياپونىيە، كورېيە، ھىندىستان ۋە سىنگاپورغا بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇداپىئە شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇ رايوندا ئۇزاققا سوزۇلغان مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى ئورنىتىشقا ۋەدە بەرگەن.