ئاۋسترالىيە خىتاي شىركىتىگە ئىجارىگە بېرىلگەن پورتنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلاشماقتا

ئاۋسترالىيە خىتاي شىركىتىگە ئىجارىگە بېرىلگەن پورتنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي شىركىتىگە  99 يىللىق ئىجارىگە بەرگەن دارۋېن پورتىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ،  پورتنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلاشقان.

سىدنېي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى خىتاي لەندبرىج گۇرۇھى ئىشلىتىۋاتقان بۇ مۇھىم پورتنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ قايتۇرۇۋېلىش ياكى قايتۇرماسلىق ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى چەتئەل مەبلەغ سېلىش قانۇنىغا زور ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن. ئالدىنقى ھەپتە باش مىنىستىر موررىسون ئەگەر دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىگە چېتىشلىق بولسا، ئىجارىگە بېرىشكە قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە شىمالىي رايونى دارۋېن ئاۋسترالىيەنىڭ مۇھىم ھەربىي بازىسى ۋە شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدىكى چارلاش كېمىلىرى بازىسى شۇنداقلا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق بازىسى ئىكەن. 2015-يىلى ئاۋسترالىيە شىمالىي رايون ھۆكۈمىتى خىتاي لەندبرىج كۆۋرۈكى بىلەن 400 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغان. خىتاي ئارمىيەسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار بۇ شىركەتكە دارۋېن پورتى 99 يىللىق ئىجارىگە بېرىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما كانبېرانىڭ ئامېرىكىغا بۇ سودىنى ئالدىن ئۇقتۇرمىغانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «بىر بەلباغ بىر يول» پىلان دائىرىسى ئىچىدە ھاسىل قىلىنغان ئىككى كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 466 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2021 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق