خىتاي ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى دەپ ئاتالدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 3-ماي «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى»دە خىتاي ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى دەپ ئاتالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۈگۈن ( 3-ماي ) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يولغا قويغان «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» تەبرىكلىنىدىغان بىر كۈن بولۇپ، بۇ يىل دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 30 يىل بولغان. بۇ يىللىق خاتىرىلەش تېمىسى « ئۇچۇرنى جامائەت پاراۋانلىقى دەپ قارايلى!» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ مەيلى ئۆز ئىچىدىكى ياكى چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنى چەكلەش قىلمىشلىرى بۈگۈنكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى خاتىرىلەش كۈنىدە نومۇس قىلارلىق دەرىجىدە ئىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ژۇرنالىست ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: خىتاينىڭ «ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىنى خاتىرىلەش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە باھا بېرىش نومۇس قىلارلىق بىر ئىش» دېگەن.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىشىغا ئەگىشىپ، سىياسىي مۇھىت قاتتىق ناچارلاشقان. نۇرغۇن مۇخبىرلار جازاغا ئۇچراشتىن قورقۇپ سۈكۈت قىلغان. گەرچە ئۇلار تام ئاتلاش دېتالى VPN ئارقىلىق Twitter ياكى Facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كۆرەلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار سەزگۈر تېمىلار ۋە نۆۋەتتىكى ۋەقەلەر ھەققىدە ئاز ئۇچۇر قالدۇرىدىكەن. ئۆتكەن ئالتە-يەتتە يىل ئىچىدە خىتايدا تەكشۈرۈش خاراكتېرىدىكى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق دوكلات بېرىش بوشلۇقى ئازلاپ كەتكەن. خىتاي ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلغان ياكى خىتاينى نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرغان بىر قانچە مۇخبىر ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ياكى قولغا ئېلىشىغا دۇچ كەلگەن. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى قورقۇتقان بولۇپ، مۇخبىرلارمۇ سۈكۈتنى تاللىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاخبارات چەمبىرىكى تەشكىلاتى خىتايدىن مۇخبىرلارنى قوغداش ئۈچۈن «ئاخبارات قانۇنى» نى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاخبارات ساھەسىنىڭ تەلىپىگە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاي ئاخبارات ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى خىتاي كومپارتىيەسى ياخشى كۆرىدىغان خەۋەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدىغان ھالەتكە كەلگەن.