شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

Riksdagen  تورىنىڭ 30- ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدە مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى شىۋېتسىيە خىرىستىيان دېموكراتلار (KD) پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لارش ئاداكتۇسسون (Lars Adaktusson) ، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننا لىندې ( Anna Linde ) دىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشى» مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورىغان.

بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇزاكىرە يىغىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننا لىندېنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لارشنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مۇزاكىرە يىغىنى 30- ئاپرېل جۈمە كۈنى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېررور سىياسىتى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنىدا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكنى ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە ھەل قىلغان ئۇسۇلدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق »دەپ قارار قىلىشقا تەييارمۇ؟»، « مىنىستىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى قانداق ھەرىكەت قوللانماقچى؟» قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇنازىرە قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر: شىۋېتسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق بىر قارار ئالالمىغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىشنىڭ خىتايغا نىسبەتەن بېسىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 593 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2021 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق