خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 2- مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ب د ت خەۋەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ئايلىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كىشىلەر خىتاي خەۋەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالسا، بۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۆپ قاتلامدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارىغان. چۈنكى خىتاي ئۆزى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە سىياسىتىگە ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بېرما كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ياۋروپا تەرەپنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىشلار كۆپ كۆرۈلگەن. بېرما كىرىزىسى توغرىسىدا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بىر قانچە قارارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ھەرىكىتى سەۋەبلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشى بېرمىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەيىبلىيەلمىگەن ۋە بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان جازانى ئىجرا قىلالمىغان. خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسىنى كۈچەيتكەن بولۇپ ئافرىقىدىكى  35 دۆلەتكە ۋاكسىنا يەتكۈزگەن.

مەلۇم بولغاندەك، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە 15 ئەزا بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش دائىمىي ئەزا ۋە 10 دائىمىي بولمىغان ئەزا بار. مەزكۇر دۆلەتلەر كېڭەشنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى نۆۋەت بىلەن ئۆتەيدۇ. خىتاي بۇ قېتىم ۋېيتنامدىن نۆۋەتچىلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، خىتاي رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان، بېرمىدا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى كىرىزىس قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان،  خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تارقىلىۋاتقان، ئىشلارنىڭ ھەممىسى نۆۋەتچى رەئىسنىڭ ھەل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر پەيتتە ئۈستىگە ئالغان.

بۇ خەۋەر 553 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2021 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق