چاقماق خەۋەر

خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قاراتقان يالغان تەشۋىقاتى كۆپەيمەكتە

خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قاراتقان يالغان تەشۋىقاتى كۆپەيمەكتە

ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 30 – ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئۈرۈمچىدە يېڭى زېلاندىيەگە قارىتىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەخسۇس سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» يېقىندىن بېرى خەلقئارادا جىددى كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتايمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپەيتمەكتە. بۇ قېتىم خىتاي ئۈرۈمچىدە يېڭى زېلاندىيەگە قارىتىلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەخسۇس بىر مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يالغان تەشۋىقات پائالىيىتىنى خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق  باش ئەلچىخانىسى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار شەۋكەت ئىمىن يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

ئۇ سۆزىدە، بەش مىليوندىن ئارتۇق خەلق تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىنىپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قېيىن – قىستاققا ئېلىنىپ خەلق قىرىلىپ كېتىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى يوشۇرۇپ، خىتاينىڭ كونا ئادىتى بويىچە «يېقىندىن بۇيان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشىماقتا، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

يىغىنىدا يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ياسالما تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار، ئاتالمىش دىنىي زاتلار يېڭى زېلاندىيە تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىغا يالغان ئىسپات بەردى.

كۆزەتكۈچىلەر: خىتاينىڭ يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللۇنۇپ، بىر تەرەپتىن يالغان تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە دۆلەتلەرگە ھەر خىل شەرتلەرنى قويۇپ زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 243 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2021 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق