15-قېتىملىق خەلقئارا ياشلار ئۇچرىشىشىنىڭ باش تېمىسى «شەرقىي تۈركىستان» بولدى

يىللاردىن بېرى «ئىسلام دۇنياسى ياشلار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى» تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا مۇسۇلمان ياشلار ئۇچرىشىشى»نىڭ 15-نۆۋەتلىكى بۇ يىل تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئۆتمۈشتە ۋە كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» دەپ بېكىتىلدى.

يىغىننىڭ ساھىبخانلىقىنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يىغىنغا ئىسلام دۇنياسىدىكى 20دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ مۇسۇلمان ياشلار ۋەكىللىرى قاتناشتى.

تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانىي، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار، يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر، شۇنداقلا بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي تارىخىي، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئوخشىمىغان تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.

بۇ خەۋەر 988 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2021 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق