ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى (USTR) 30-ئاپرېل 2021-يىللىق ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالاھىدە قوغداش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي داۋاملىق «ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىدىكى ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ 2020-يىلى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار بىر يۈرۈش قانۇن-نىزاملارنى ئېلان قىلغانلىقى، ئەمما بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتايدىكى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىنى نېگىزلىك ھەل قىلىشتا ئۈنۈمى بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا بۇلتۇر بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىغان بولۇپ، خىتاي ئامېرىكىدىن زور مىقداردا مال سېتىۋېلىشقا، ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قاتارلىق ئادىل بولمىغان سودا ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ۋەدە بەرگەن. ئەمما مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ساختا ياكى تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار يۇقۇم مەزگىلىدە تېخىمۇ شىددەت بىلەن ئەۋج ئالغان. ئامېرىكا تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالغان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ %80ى خىتاي ۋە خوڭكوڭدىن كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن سىرت، خىتايدىن كەلگەن ساختا دورا، ئوغۇت ۋە خىمىيەلىك دورىلارمۇ بىخەتەرلىك خەۋپى شەكىللەندۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئالاھىدە قوغداش دوكلاتى ھەر يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، خىتاي 17 يىلدىن بېرى ئۇدا «ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ كەلگەن.