ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2021-يىللىق ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

پائالىيەتنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىشتىراك قىلغان. ئىپتارنىڭ ئالدى-كەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاشمەمەت ھاجىنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، پائالىيەت كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن بولۇپ، ئادېلەيد شەھىرىدە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى يوق بولغاچقا، كىشىلەر پائالىيەتكە خاتىرجەم قاتنىشالىغان.

بۇ خەۋەر 899 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2021 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق