خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىگە قارشى، خىتاينىڭ ئالمۇتىدا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىش داۋاملىشىۋاتقىلى 80 كۈندىن ئاشقان بولۇپ، 30-ئاپرېل نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئالمۇتىدىكى بىر چوڭ رېستورانى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
كۆپىنچىسى ئانىلاردىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاي تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە سولانغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالمۇتىدىكى خىتاينىڭ چوڭ ئاشخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار «خىتاي قازاقىستاندىن چىقىپ كەتسۇن»، «لاگېرلار تاقالسۇن»، «خىتاي ئائىلە ئەزالىرىمىزنى قويۇۋەتسۇن» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي مېھمانلار ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
ياشانغان بىر ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دەۋاسى ئۈچۈن باشلانغان نامايىش 82-كۈنگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي كونسۇلخانىسى نامايىشچىلارغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن. بۈگۈن غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار خىتاي رېستورانى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلغان.
نامايىشچىلار ئىچىدىكى بىر ئايال: «يولدىشىم قازاقىستانغا كەلگەنلىكى سەۋەبلىك خىتاي ئۇنى تېررورچى دەپ تۇتقۇن قىلدى. بۇ خىتاي ئاشخانىسىدا ئولتۇرغان خىتايلارمۇ قازاقىستانغا كەپتۇ، ئۇنداقتا بۇلارنىمۇ تېررورچى دەمدۇق؟» دەپ سوئال قويغان.