قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا توقۇنۇشىدا قازا قىلغانلار 31 گە يەتتى

رۇسىيە سىپاتنىك ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ چېگرا رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 31 ئادەم قازا قىلىپ، 154 ئادەم يارىلانغان. يارىلانغانلار ئىچىدە 121 كىشى ئاددىي پۇقرا ئىكەن.

قىرغىزىستان باتكەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇشنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقىنى، ئۈسكۈنىلەر ۋە ئېغىر قوراللارنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي مۇقىم دېيىشكە تېخى بالدۇر بولۇپ، ھەربىي توقۇنۇشنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.

29-ئاپرېل قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ چېگرا رايونىدىكى ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ۋە قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلانغان. ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئالتە سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان.

29-ئاپرېل شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت سەككىزدە ئىككى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇچرىشىپ، ئۇرۇش توختىتىش ۋە چېگرا قىسىملىرىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا چېكىندۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

بۇ خەۋەر 540 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2021 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق