چاقماق خەۋەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توسىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى خىتاينىڭ ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر نەچچە ئەزاسىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 28-ئاپرېل ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا، 30 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جازا يۈرگۈزۈش قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان ۋە شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق بەدىلىگە، خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈشىچە، بىر ئاي ئىلگىرى خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبىدىن ناچارلاشقان. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ تۆت ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان. خىتاي دەرھال قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ئون ئەزاسىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن گېرمانىيە چارشەنبە تور يىغىنى ئېچىپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگولا مېركېل سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. يىغىندىن كېيىن خىتاي تاراتقۇلىرى مېركېلنىڭ ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا، ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، گېرمانىيە خىتاي بىلەن سودا سۆھبەت ۋە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۈمىدىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

بۇ خەۋەر 299 قېتىم كۆرۈلدى
01/05/2021 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق