گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، چەت ئەل دىپلوماتلىرىنىڭ خىزمەتچى سانىغا چەكلىمە قويغان بولۇپ، ئامېرىكا كونسۇلخانىسى %75 خىزمەتچىسىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن رۇسىيەدە خىزمەت قىلىدىغان چەت ئەل دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى ئىشلىتىش سانىغا چەكلىمە قويىدىغان، ھەتتا پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان بىر بۇيرۇققا ئىمزا قويغان. پەرماندا يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ چەكلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدىغان «دوستانە بولمىغان دۆلەتلەر»نىڭ تىزىملىكىنى تەييارلاش تەلەپ قىلىنغان.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى دىپلوماتىيە خادىملىرىنى قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ۋىزا ۋاقتى توشۇش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى 15-ئىيۇندىن بۇرۇن رۇسىيەدىن ئايرىلىشقا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ يەرلىك خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشنى مەقسەتلىك چەكلىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەلچىخانا 12-مايدىن باشلاپ پەقەت جىددىي ئەھۋاللاردا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشى ئىكەن. يېقىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەت رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، موسكۋا بۇنىڭغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئون دىپلوماتىيە خادىمىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىغا قاتناشقانلىقىنى ۋە 2020-يىلدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلاشماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم ئورۇنلىرىغا كۆپ تۈرلۈك جازا يۈرگۈزگەن.