خىتاي پۇقراسى خىتاي ئارمىيەسىنى ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر تېخنىكىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە سەزگۈر بۇيۇم ۋە تېخنىكىلارنى تەمىنلەپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

28-ئاپرېل ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پۇقراسى چىن شۇرېننىڭ بوستون فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن بۇيۇملارنى سېتىۋالغانلىقىنى، سوممىسىنىڭ 100 مىڭ دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى، بۇ بۇيۇملارنى خىتاينىڭ غەربىي شىمال ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەمىنلەپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

سوت ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، چىن شۇرېن 2014-يىلى مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە كۆچمەنلەر ۋىزىسى بىلەن ئامېرىكىغا كىرگەن ۋە بىر تېخنولوگىيە شىركىتى قۇرغان. ئۇ شىركەت ئارقىلىق ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپادىن سۇ ئاستىدا ئاۋاز سىگنالى بايقاش ئۈسكۈنىسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش، سۇ ئاستىدا جەڭ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلغان. شىركەتنىڭ خېرىدارلىرى بولسا خىتاي تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش قىسىملىرى ئىكەن.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىن شۇرېن مەزكۇر ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز خىتاي غەربىي شىمال سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قانۇنسىز ئېكسپورت قىلىش، ۋىزا ئالدامچىلىقى، پۇل يۇيۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەگەر شەخسلەر پايدا ئېلىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قۇربان قىلسا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بۇ خىل قىلمىشنى توسىدىكەن ۋە ئالاقىدار كىشىلەرنى جازالايدىكەن.

بۇ خەۋەر 514 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2021 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق